يۇنۇس 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى. Gade chapit la |
شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!
خۇدا پەرىشتىسىنى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى. لېكىن پەرىشتە يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.