Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇنۇس 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭنى رەت قىلار.

Gade chapit la Kopi




يۇنۇس 2:8
11 Referans Kwoze  

ئۆچ كۆرىمەن بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، باغلىغانمەن پەرۋەردىگارغا ئىشەنچىمنى.


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلدى ھەمدە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى.


بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟


پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، بۇتلارغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقتۇر، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلار كېرەكسىز نەرسىلەردۇر.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


قۇتقۇز مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، قۇتقۇز مېنى پېتىپ قالغان پاتقاقلىقتىن، قۇتقۇز مېنى سۇنىڭ چوڭقۇر قاينىمىدىن.


پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.


ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite