Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇنۇس 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.

Gade chapit la Kopi




يۇنۇس 1:7
18 Referans Kwoze  

چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟


ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.


ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى.


لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.


بۆلۈشمەك ئۈچۈن ئۇلار كىيىملىرىمنى، چەك تارتىشقا تاشلىدى كۆڭلىكىمنى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


مەن خۇداغا مۇنداق دەيمەن: ماڭا گۇناھ ئارتمىغىن، ئېيتقىنا قېنى، ماڭا قارشى نېمە شىكايىتىڭ بار؟


ئاخاشۋېروشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى 1-ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ھاموننىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئالدىدا «پۇر»، يەنى چەك تاشلىدى. چەك 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 12-كۈنىگە چىقتى. بۇ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite