Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇنۇس 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى.

Gade chapit la Kopi




يۇنۇس 1:4
13 Referans Kwoze  

تاغ ۋە شامالنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار خۇدادۇر، ئۇ ئوي-خىياللىرىنى ئىنسانلارغا ئايان قىلغاندۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرار، ھەتتا ئۇ زېمىننىڭ يۈكسەكلىكلىرىدە ماڭار. ئۇنىڭ ئىسمى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدادۇر.


ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى، يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى، كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى.


پەرۋەردىگار شەرق شامىلىنى قاتتىق غەرب شامىلىغا ئايلاندۇرۇپ، چېكەتكىلەرنى قىزىل دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. مىسىر دىيارىدا بىرمۇ چېكەتكە قالمىدى.


پەرۋەردىگار شامال چىقاردى ۋە شامال بىلەن تەڭ توپ-توپ بۆدۈنىلەرنى دېڭىز تەرەپتىن ئۇچۇرۇپ كەلدى. بۆدۈنىلەر بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان بولۇپ، قارارگاھنىڭ ھەممە تەرىپىنى بىر كۈنلۈك يول يىراقلىققىچە قاپلاپ كەتكەنىدى.


بىراق سەن بوران بىلەن غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى دېڭىزغا. ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك چۆكتى سۇنىڭ تېگىگە.


مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا قولىدىكى تايىقىنى مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قارىتىپ ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار بىر كېچە-كۈندۈز شەرق شامىلى چىقاردى. تاڭ ئاتقاندا، شامال چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى.


ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، چوڭقۇرلۇقلاردا، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلار خۇدا.


ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.


مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite