يۇنۇس 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 لېكىن كېمىچىلەر يۇنۇسنى دېڭىزغا تاشلىماي، ئەكسىچە پالاقنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ، كېمىنى قىرغاققا ئېلىپ بارماقچى بولدى، ئەمما ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى. چۈنكى بوران-چاپقۇن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. چۈنكى، ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ، _ دەپ يالۋۇردى.