11 بوران-چاپقۇن ئەۋجىگە چىقتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: _ قانداق قىلساق دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.
يۇنۇس يەنە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگاردىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. كېمىچىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى. ئۇلار: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دېيىشتى.
يۇنۇس ئۇلارغا: _ مېنى دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ. مەن شۇنى بىلىمەنكى، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن مۇشۇنداق دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىدىڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى.