يوئېل 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 سىلەر ئۇلارنى نەگە ساتقان بولساڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلەر ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن. Gade chapit la |
مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.