19 لېكىن مىسىر قاقاسلىققا، ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ، يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.
سىئوندا ياشايدىغانلار: «بابىلنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان زوراۋانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسۇن» دەيدۇ. يېرۇسالېم: «بابىلدا ياشايدىغانلار خەلقىمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، بەدەل تۆلىسۇن!» دەيدۇ.
خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ.
مەن ئۇلارنى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئاسسۇردىن يىغىپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى گىلئاد ھەم لىۋان زېمىنلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرىمەن، ھەتتا بۇ جايلارمۇ ئۇلارغا تارلىق قىلىدۇ.
بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.
ئەي ئۇس يۇرتىدا ياشايدىغان ئىدوملۇقلار، خۇشال بولۇۋېلىڭلار، شادلىنىۋېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تولغان قەدەھ كېلەر ئەمدى سىلەرگە، ئۇنى ئىچىپ مەست بولىسىلەر، ئاندىن يالىڭاچلىنىسىلەر.
ئىدوم قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشىدۇ، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.
پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ، ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»
ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.
سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر! سىلەر ياۋايى ھايۋانلارنى قىردىڭلار، ئەمدى ياۋايى ھايۋانلارنى سىلەرنى دەھشەتكە سالىدۇ! چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.