16 پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.
ئاموس مۇنداق دېدى: «ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن، ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن. قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.»
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالىمەن.
ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.
پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.
مەن قاتتىق قەھر-غەزىپىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدە قاتتىق يەر تەۋرەيدۇ.
سېنىڭ جاكارلىشىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ بەردىم، قولۇمنى ساڭا سايە قىلدىم. بىپايان ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغانمەن، ھەمدە سىئونغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىمسىلەر› دېگەنمەن.»
شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم، دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم.
شۇ ئەسنادا چاقماقلار چېقىلدى، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. يەر-زېمىن شۇنچىلىك تەۋرەندىكى، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى بۇنداق قاتتىق تەۋرىنىش بولمىغانىدى.
قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.
پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە، تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە.
ئىسرائىللارنى تاللىغان شان-شەرەپلىك خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، _ دېدى.
ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.
دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
خۇدا سىناي تېغىدىن سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ ئاۋازى زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. لېكىن، ئەمدى ئۇ: «يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.
مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟ ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ! كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟
بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.
مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.
پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ. ئۇ دۈشمەن ئۆتەلمەيدىغان قوغدىغۇچى دەريا بولىدۇ، ئۇنىڭدا دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۈزەلمەيدۇ.
مېنى قورقۇتمىغىن! سەن مېنىڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى پاناھگاھىمدۇرسەن.
پەرۋەردىگار ياخشىدۇر، ئۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردە ئادەملەرگە قورغاندۇر، ئۇ ئۆزىدىن پاناھلىق ئىزدىگەنلەرنى قوغدايدۇ.
مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە سالىمەن. ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.
ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار! بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى، يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.