Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوئېل 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ساپىنىڭلاردىن قىلىچ، شاخ پۇتايدىغان پىچىقىڭلاردىن نەيزە سوقۇڭلار. ئاجىزلارمۇ مەن باتۇر دېسۇن.

Gade chapit la Kopi




يوئېل 3:10
7 Referans Kwoze  

ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىنى قوغدايمەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىزلىرىمۇ پادىشاھ داۋۇتتەك كۈچلۈك بولىدۇ. داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا خۇددى ماڭا ۋە مېنىڭ پەرىشتەمگە ئوخشاش يول باشلايدۇ.


سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلساڭلارمۇ، خۇدا سىلەرنى دۈشمىنىڭلارغا مەغلۇپ قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى غەلىبە قىلدۇرىدىغىنىمۇ، مەغلۇپ قىلىدىغىنىمۇ خۇدادۇر.


ئۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يېقىن-يىراقتىكى كۈچلۈك ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقلەر قىلىچلىرىنى ساپانغا، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان پىچاققا ئايلاندۇرۇشىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارمايدۇ.


ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ، ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ.


- لېكىن، ئەمدى ھەميان، خۇرجۇنى بارلار ئېلىۋېلىڭلار. قىلىچى يوقلار چاپىنىڭلارنى سېتىپ، بىردىن قىلىچ ئېلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا،


مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: - خانىم، كېسىلىڭىز ساقايدى! - دەپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite