8 ھېچكىم بىر-بىرىنى قىستاشماي، ھەركىم ئۆز يولىدا ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇلار توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى توسالمايدۇ.
روھلىرىنى چوڭقۇر گۆردىن، ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ.
خىزكىيا بۇزۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى ياسىتىش قارارىغا كەلدى. مۇنارلارنى ئېگىزلەتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سالدۇردى. «داۋۇت شەھىرى»دىكى «تىندۇرۇلغان يەر»نىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلار ياساتتى.
بېھىشتەك بىر باغدۇرسەن ئانىرى بولغان، ئېسىل مېۋە، خېنە، سۇمبۇل،
لېكىن ئۇلار خۇداغا بويسۇنمىسا، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بىلىمسىز ھالدا ھالاك بولىدۇ.
بۇ مەزگىلدە مەيلى تۇغقانلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، مۇھاپىزەتچىلىرىم بولسۇن، مەيلى مەن بولاي، ھېچقايسىمىز ئۇچىمىزدىكى كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرمىدۇق ھەمدە قوللىرىمىزدىن قوراللارنى چۈشۈرمىدۇق.
باش روھانىي يىھويادا يوئاشنى قوغداش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى پۈتۈن كىشىلەرنى قوللىرىغا قورال تۇتقۇزۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا جەنۇبتىن شىمالغىچە يا شەكلىدە تۇرغۇزدى.
ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ھارمايدۇ، پۇتلاشمايدۇ، مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇخلاپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ نە كەمەرلىرى بوشاشمايدۇ، نە چورۇقلىرىنىڭ يىپلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.
ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان باتۇرلارغا، سېپىلغا يامىشىۋاتقان لەشكەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار سەپ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، سەپلىرىنى قەتئىي بۇزمايدۇ.
ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.
چېكەتكە؛ گەرچە پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار سەپ تۈزۈپ ماڭار.