Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوئېل 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان باتۇرلارغا، سېپىلغا يامىشىۋاتقان لەشكەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار سەپ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، سەپلىرىنى قەتئىي بۇزمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوئېل 2:7
11 Referans Kwoze  

چېكەتكە؛ گەرچە پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار سەپ تۈزۈپ ماڭار.


ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.


داۋۇت ئۇ چاغدا ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى يىبۇسلارنى يوقاتماقچى بولسا، شەھەرگە يەر ئاستىدىكى سۇ يولى ئارقىلىق كىرسۇن ۋە مەن ئۆچ كۆرىدىغان «كور» ۋە «توكۇر»لارغا ھۇجۇم قىلسۇن، _ دېدى. «كور ۋە توكۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرسە بولمايدۇ» دېيىش مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.


سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى. ھايات چېغىدىمۇ، ئۆلگەندىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى. ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققان، شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى!


چىقار ئۇندىن قۇياش ئوخشاپ تويى بولغان ئوغۇلغا. شادلىنار ئۇ ئوخشاپ گويا يۈگۈرۈشكە چىققان پالۋانغا.


ئۇ قايتا-قايتا مېنى زەخىملەندۈرگەندە، خۇددى پالۋاندەك ماڭا ئېتىلدى.


ھېچكىم بىر-بىرىنى قىستاشماي، ھەركىم ئۆز يولىدا ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇلار توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى توسالمايدۇ.


ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite