4 ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئۇلار خۇددى ئۇرۇش ئېتىدەك چېپىپ يۈرۈشىدۇ.
چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى.
توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى، تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى.
قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرار، قامچىلارنىڭ تاراسلاشلىرى، چاقلارنىڭ جاراق-جۇرۇقلىرى، ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرى.