Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوئېل 2:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېتىلگەن چېكەتكىلەر، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر، تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر ۋە ياش چېكەتكىلەر يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن. ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم.

Gade chapit la Kopi




يوئېل 2:25
6 Referans Kwoze  

مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.


چېكەتكىلەر زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قالىسەن. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان زىرائەتلەرنى، ھەتتا دالادىكى دەل-دەرەخلەرنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ.


مىسىرنىڭ ئاھالىسى كەڭ كەتكەن قويۇق بىر ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۈشمەنلەر ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدىغانلارنىڭ سانى چېكەتكىلەردىنمۇ كۆپتۇر، ئۇلار ساناقسىزدۇر.


مەن زىرائەتلىرىڭلارنى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قوغدايمەن. سىلەرنىڭ ئۈزۈملىرىڭلار پىشقۇچە چۈشۈپ كەتمەي ساپىقىدا تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite