Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوئېل 2:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئەي زېمىن، قورقما، خۇشال بول، شادلان! چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.

Gade chapit la Kopi




يوئېل 2:21
21 Referans Kwoze  

قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.


قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن.


چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ. قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.


ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان ئاجايىپ ئىشىنى كۆرۈڭلار.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە ياخشىلىق قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىم. سىلەر قورقماڭلار،


شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.


سىلەر چوقۇم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار.


_ ئۆتمۈشنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار. خۇدا ئىنساننى ياراتقاندىن بېرى، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ بېقىپتىمۇ؟ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كىم ئاڭلاپ بېقىپتۇ؟


چاۋاك چالسۇن خۇداغا خۇشاللىقتىن دەريالار، شادلىق بىلەن خۇدانى كۈيگە قاتسۇن ھەم تاغلار.


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە ئاسماننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئاسمان زېمىننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ.


ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.


سىلەر شاد-خۇراملىق بىلەن يولغا چىقىپ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يېتەكلىنىسىلەر. ئالدىڭلاردىكى تاغ-داۋانلار سىلەر ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ، دالىلاردىكى دەل-دەرەخلەرمۇ سىلەرگە چاۋاك چالىدۇ.


ئۇلۇغ كارامەتلەرنى قىلغان تەڭداشسىز خۇدا، تاقىشار ئادالىتىڭ ئاسمان-پەلەككە، كىممۇ قىلالار بۇنداق ئىشنى ئوخشاش ساڭا.


سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر، مەن، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر، چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite