19 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بېرىمەن، سىلەرنى تويدۇرىمەن. ئەمدى سىلەرنى باشقا ئەللەردە يەنە خار قىلمايمەن.
ئۇلارغا مۇنبەت زېمىن ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەمدى ئاچلىق ئازابىنى تارتمايدۇ ھەم باشقا ئەللەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىمايدۇ.
ئەمدى سىلەرنى يات خەلقلەرگە مازاق قىلدۇرمايمەن ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قويمايمەن. سىلەر ئەمدى خەلقىمنىڭ قايتا پۇتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولمايسىلەر.›»
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.
خامىنىڭلار ئاشلىققا تولىدۇ، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلار ئىدىشلارغا پاتماي قالىدۇ.
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.
ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى، يەرلەر ھازا تۇتماقتا. ئاشلىقلار خاراب بولدى، شاراب تۈگىدى، زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى.
ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن، ‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ.
ئەمدى ئىسرائىللاردىن دىدارىمنى يوشۇرمايمەن، ئۇلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
خامان تېپىش مەزگىلى ئۈزۈم يىغىش مەزگىلىگىچە، ئۈزۈم يىغىش مەزگىلى ئۇرۇق چېچىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ. يېمەك-ئىچمىكىڭلار مول بولىدۇ، زېمىنىڭلاردا خاتىرجەم ياشايسىلەر.
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە ئاسماننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئاسمان زېمىننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ.
زېمىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇلار ‹يىزرىئەل› [مەنىسى خۇدا تېرىيدۇ] دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.
ئۇ زېمىنىڭلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا كۈز يامغۇرى، باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىغا ئىگە قىلىدۇ.
نائومى موئابتا تۇرغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولىدۇ.
مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن.
باغلىرىڭلاردىن ۋە ئېتىزلىرىڭلاردىن مول ھوسۇل ئالدۇرىمەن. ئەمدى سىلەر ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يات ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايسىلەر.
خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.