يوئېل 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 كىيىمىڭلارنى ئەمەس، قەلبىڭلارنى يىرتىپ، ئۆزگىرىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! چۈنكى ئۇ شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ. Gade chapit la |
شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!
ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.
مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟ ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟ سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟ مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟
سەكسەن ئادەم شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىسىغا قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرىق سالماقچىدى.