5 ئەي مەستلەر، ئويغىنىڭلار، يىغلاڭلار. ئەي مەيخورلار، ھەممىڭلار پەرياد قىلىڭلار. يوقتۇر ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچكۈدەك شارابىڭلار!
ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىپ يىغلاڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.
ئۇلار خەلقىمنى تاللاپ قۇل قىلىشقا چەك تاشلاشتى. ئوغۇللارنى پاھىشىلەرگە تېگىشتى، قىزلارنى شارابقا سېتىشتى.
ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.
ئەي دېھقانلار، قايغۇرۇڭلار! ئەي باغۋەنلەر، نالە-پەرياد قىلىڭلار! چۈنكى ئېتىزدىكى بۇغداي ۋە ئارپىلار ۋەيران بولدى. پۈتۈن ھوسۇلۇڭلار خاراب بولدى.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئۇ كۈن كېلىۋاتىدۇ، دەپ زار يىغلاڭلار!
شۇڭا ماتەملىك كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، قايغۇرۇپ، ھازا تۇتۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بولغان غەزىپى تېخى بېسىلمىدى.