16 يېمەكلىكلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئېلىپ كېتىلدى. خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى شاد-خۇراملىق غايىب بولدى.
قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا، بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا. چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا.
ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.
بۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ۋارقىراپ تۇرۇپ: «مەن ياراڭلارنى ساقايتالمايمەن، ئۆيۈمدە نە نان، نە چاپان يوق. مېنى خەلققە باشلىق قىلماڭلار!» دەيدۇ.
ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.
كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي، سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.