Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئايۇپ 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 «بۇ گەپلەرنى يەنە قاچانغىچە قىلىسەن؟ ئېغىزدىن چىققان سۆزلەر خۇددى بورانغا ئوخشار.

Gade chapit la Kopi




ئايۇپ 8:2
14 Referans Kwoze  

«ئەقىللىق ئادەم مۇنداق ھېكمەتسىز سۆزلەرنى قىلامدۇ؟ بۇ شامال بىلەن قورساق تويدۇرغاندەك ئىش ئەمەسمۇ؟


سۆزلىرىمنى تەنقىد قىلماقچىمۇسىلەر؟ ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى خۇددى شامالغا ئوخشاش دەپ ئويلامسىلەر؟


پەرۋەردىگار: _ سەن غاردىن چىقىپ، تاغدا ھۇزۇرۇمدا تۇرغىن، مەن يېنىڭدىن ئۆتىمەن، _ دېدى. شۇ ئەسنادا قاتتىق بوران تاغلارنى يېرىپ، قورام تاشلارنى پارچىلىۋەتتى، لېكىن پەرۋەردىگار بوران بىلەن كەلمىدى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر تەۋرىدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەش بىلەنمۇ كەلمىدى.


_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟


«قاچانغىچە گەپ يورغىلىتارسەن؟ ياخشى ئويلان، ئاندىن بىز پاراڭلىشايلى.


قۇرۇق سۆزۈڭلار تۈگىمەمدۇ؟ نېمە ئىش سىلەرنى بۇنداق توختىماي سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ؟


شۇڭا مەن ئۈنسىز تۇرالمايمەن، يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىرىمنى ئېيتىمەن، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكىمەن.


خۇدا مېنى ئېزىشكە رازى بولسا، قولىنى كۆتۈرۈپ جېنىمنى ئالسا ئىدى،


ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.


شۇنداق قىلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا زادى قاچانغىچە جاھىللىق قىلىسەن؟ خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي!


شۇۋاخلىق بىلداد ئايۇپقا مۇنداق دېدى:


ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قۇرۇق گەپ قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرگەن ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى ئۆز بېشىغا چۈشسۇن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite