3 مېنى توختىماي ھاقارەت قىلدىڭلار، خورلىغانلىقىڭلاردىن نومۇس قىلمىدىڭلار.
لېكىن ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمىدى.
پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا، ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا.
ئايالىم ھىدىمدىن بىزار، قېرىنداشلىرىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدۇ.
دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار كېلىپ، بىزنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار بىزگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى!» دېيىشتى.
گۇناھ قىلغان بولساڭ، گۇناھتىن قول ئۈزگىن، چېدىرىڭدا ھېچقانداق ئادالەتسىز ئىش بولمىسۇن.
ئاغزىڭ بېسىقماي كاسىلدىساڭلا، كىشىلەر ئۈن چىقارماي جىمجىت تۇرارمۇ؟ سېنىڭ مەسخىرىلىرىڭ ئۈچۈن كىشىلەر سېنى نومۇستا قالدۇرماسمۇ؟
مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق
سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا تونۇپ قالدى، لېكىن تونۇماسلىققا سېلىپ، ئۇلاردىن جىددىي قىياپەتتە: _ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. _ بىز كەنئاندىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.
«سىلەر مېنى قاچانغىچە قىينايسىلەر؟ سۆزلىرىڭلار بىلەن قاچانغىچە ئېزىسىلەر؟
ئەگەر مەن راست خاتا قىلغان بولسام، ئۇ پەقەت مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىشىدۇر.
مېنى ھاقارەتلەيدىغان ئەيىبلەشلىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەقلىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ.