3 ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن سۆزلەشكۈم، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكۈم بار.
پەرۋەردىگار _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: «نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىڭلار!
كاشكى، ئەرزىمنى ئاڭلايدىغان بىرى بولسا ئىدى! قارا، بۇ يەرگە ئىمزايىمنى قويدۇم، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا جاۋاب بەرسۇن! ئۈستۈمدىن ئەرز قىلغۇچى ئەرزىنى يازسۇن!
ئاندىن مېنى چاقىرغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن ياكى مەن بايان قىلىمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.
ئەگەر بىر ئادەم خۇدا بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشمەكچى بولسا، خۇدا ئۇنىڭدىن مىڭ سوئال سورىسا، ئۇ ئادەم بىر سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.
ئۇ مېنى ئۆلتۈرسىمۇ مەيلى، مېنىڭ باشقا ئۈمىدىم يوق، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلاۋېرىمەن.
پەقەت خۇدانىڭ سۆزلىشىنى ۋە ساڭا رەددىيە بېرىشىنى خالايمەن.
ئەگەر مەن بولغان بولسام، خۇدانى ئىزدەپ، ئىشلىرىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇراتتىم.
«ئەي تاكاللاشقۇچى، ھەممىگە قادىر مەن خۇدايىڭ بىلەن يەنە تاكاللاشماقچىمۇسەن؟ خۇدا بىلەن گەپ تالاشقۇچى ئەمدى جاۋاب بەرگىنە.»