7 پەرۋەردىگار شەيتاندىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم _ دېدى شەيتان جاۋابەن.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
پەرۋەردىگار شەيتاندىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم، _ دېدى شەيتان جاۋابەن.
- جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ
يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلقلەرنى، يەنى يەجۈج بىلەن مەجۈجلەرنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلىنىدىغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىزدۇر.
چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.
بۇ كۈچلۈك ئاتلار پۈتۈن زېمىننى چارلاشقا تەقەززادۇر. پەرىشتە ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چارلاشقا كەتتى.
گېخازى ئۆيگە كىرگەندە، خوجايىنى ئېلىشا ئۇنىڭدىن: _ گېخازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. گېخازى: _ خىزمەتكارلىرى ھېچ يەرگە بارغىنى يوق، _ دېدى.