Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئايۇپ 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى.

Gade chapit la Kopi




ئايۇپ 1:5
36 Referans Kwoze  

ئەمدى سىلەر خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىگە قارىغاندا دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي.


نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


پەرزەنتلىرىڭ خۇداغا قارشى گۇناھ سادىر قىلغانلىقتىن، ئۇلار تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى.


ئۇ ئاقساقاللارغا: _ شۇنداق، تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىم. پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، مەن بىلەن بىرگە قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە كېلىڭلار، _ دېدى. سامۇئىل يىشاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.


ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.


شۇڭا، يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، خۇدا سېنى كەچۈرەر.


ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، جامائەتكە: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.


ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدىڭ› دېسۇن. ئاندىن سىلەر نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.»


ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم ئېشىكىنى تەييارلاپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ تۆت كىشىنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردى. ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ، روھانىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ توشۇپ، ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈننى مەلۇم قىلىپ قويدى.


بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟


يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى.


ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر. يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟


قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.


ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى.


ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا باتۇرلارمۇ قورقىدۇ. ئۇنىڭ مىدىرلىشىنى كۆرۈپ چېكىنىدۇ.


ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالامدۇ؟ ئۇلار ھەر ۋاقىت خۇداغا يېلىنىپ تۇرامدۇ؟


ئايالى ئايۇپقا: _ سەن يەنىلا پاك ئادەم بولماقچىمۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە خۇدانى قارغاپ، ئۆلگىنىڭ ياخشى! _ دېدى.


مۇبادا سەن ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئېلىپ كەتسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.


روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنى، ئاندىن جامائەتنى پاكلىدى. كېيىن ئۇلار شەھەر دەرۋازىلىرى ۋە سېپىللارنىمۇ پاكلىدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.


شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائاملارنى يېدى.


پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،


مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»~گە - ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم.


قولىغا ئون ئىككى تاش ئالدى. بۇ تاشلار ياقۇپ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. (پەرۋەردىگار بۇرۇن ياقۇپقا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەنىدى.)


ئاندىن كېيىن مۇسا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن بىرمۇنچە ياشلارنى ئەۋەتتى.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بىلەن بىر-بىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، زىياپەت بېرىشەتتى، ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ چاقىرىپ ھەمداستىخان بولاتتى.


ئەگەر بىرسى ئۈمىدسىزلەنگەن دوستىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداغا بولغان ئىخلاسىنى يوقاتقان بولىدۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite