Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېدى. («سىلوھا» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.) ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:7
21 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدا ئەمالارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ، گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ.


ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى: - قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان كىشى لازارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايتتىمۇ؟ - دېيىشتى.


ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەيسا دېگەن بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويۇپ، ماڭا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېگەنىدى. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ يۇسام، كۆزلىرىم ئېچىلىپ كەتتى.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


_ بۇ خەلق تىنچ ئاقىدىغان شىلوخ ئۆستىڭىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھتىن خۇش بولدى.


ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى، رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى. سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.


سىلوھا مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن ئون سەككىز كىشىنى قانداق دەيسىلەر؟ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان، دەپ قارامسىلەر؟


سەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىسەن، سەن زىندانلاردىن كىشىلەرنى ئازاد قىلىسەن، قاراڭغۇلۇققا سولانغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىسەن.


كولخوزەنىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم بۇلاق دەرۋازىسىنى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى شەلاخ كۆلچىكى سېپىلىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟


لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟


- دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدىم، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»


كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ كۆرمىگەنلەرنى چاقىرىڭلار، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمىغانلارنى چاقىرىڭلار.


شۇنىڭدىن باشلاپ كۆزلەر كۆرىدىغان بولىدۇ، قۇلاقلار ئوچۇق ئاڭلايدىغان بولىدۇ.


«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite