23 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.
لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنى ئۆزۈڭلار سوراڭلار، ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆز ئىشىنى ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى.
پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ: - خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، - دېيىشتى.