Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 شۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: - ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: - گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:16
18 Referans Kwoze  

بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش چىقتى.


بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.


كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈردى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، دەل ئەكسىچە، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.


بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - قاراڭ، شاگىرتلىرىڭىز دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، - دېيىشتى.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرگەن، شۇنداقتىمۇ يەنە مەندىن ۋە ئاتامدىن نەپرەتلەندى.


«مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە» دېگىنىمگە ئىشىنىڭلار. ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغانلىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار.


پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ: - خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، - دېيىشتى.


بۇ سۆز بىلەن ئۇلار خاپا بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆز تېنىنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ - دېيىشىپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى.


لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا ئەلچىلەر تەرەپتە تۇردى.


ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا باھانە تېپىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى.


بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى.


شۇڭا، بەزى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ساقايغان ئادەمگە: - بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى تۇرسا، تەۋرات قانۇنىمىزدا دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ! - دېدى.


تەۋرات قانۇنى بۇزۇلمىسۇن دېيىلىپ تۇرۇپ، دەم ئېلىش كۈنى خەتنە قىلىنىدۇيۇ، بۇنداق كۈندە بىر ئادەمنى ساپمۇساق قىلسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite