Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:13
7 Referans Kwoze  

ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىسىيلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن، ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.


ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.


پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: - قاراڭلار، بىزنىڭ قىلغىنىمىز بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتمەكتە! - دېيىشتى.


- ئۇ ھازىر قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - بىلمەيمەن، - دېدى ئۇ.


ھەزرىتى ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ساقايتقان كۈن - دەل دەم ئېلىش كۈنى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite