Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 - ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:10
11 Referans Kwoze  

لېكىن بەزىلەر: «ئۆلگەنلەر قانداق تىرىلىدۇ؟ ئەگەر ئۆلگەن ئادەم تىرىلسە، ئۇنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.


بۇ چاغدا، ئۇلار: - ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ - دەپ سوراشتى.


لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنى ئۆزۈڭلار سوراڭلار، ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆز ئىشىنى ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى.


پەرىسىيلەر بۇ ئادەمدىن كۆزلىرىنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئۇ كۆزلىرىمگە لاي سۈرۈپ قويدى، ئاندىن يۈزۈمنى يۇدۇم. ھازىر مانا كۆرەلەيدىغان بولدۇم!» دېدى.


نىكودىم ھەزرىتى ئەيسادىن: - بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ - دەپ سورىدى.


ئۇ كېچىسى ئۇخلايدۇ، كۈندۈزى تۇرىدۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ يېتىشىدۇ. لېكىن، ئۇ دېھقان قانداقسىگە بۇنداق بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.


شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس.


ئۇلار بارۇكتىن: _ بىزگە ئېيتقىن، قانداق قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقتىڭ؟ يەرەمىيا ساڭا سۆزلەپ بەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


بىر مەزگىلدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى (تىبېرىيە كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان كۆل)~نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى.


بەزىلەر: «ھەئە، شۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق، ئۇ ئۆزى: - مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! - دېدى.


ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەيسا دېگەن بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويۇپ، ماڭا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېگەنىدى. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ يۇسام، كۆزلىرىم ئېچىلىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite