Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

51 بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:51
15 Referans Kwoze  

بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.


مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.» ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ.


لېكىن، ئەرشتىن چۈشكەن شۇنداق بىر «نان» باركى، ئۇنى يېگەنلەر ئۆلمەيدۇ.


ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگار تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ھانۇخ ئۆلمەي تۇرۇپلا ئەرشكە كۆتۈرۈلدى. ھېچكىم ئۇنى تاپالمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. ئەرشكە كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم ئىكەنلىكى جاكارلانغانىدى.


قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟ گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ


سىلەر ئۇنى تونۇپ يېتەلمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولىمەن، بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.


بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدە كەلگەنلىكىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - ساڭا جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدۇق، - دېيىشتى، - ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقچە: «تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!» دېيەلەيسەن؟


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.


سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى. ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى.


لېكىن، ھازىر بىز ئۆزىنى قۇربان قىلىش سەۋەبىدىن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھنى كۆردۇق. ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەپ، بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite