Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 - بىزنىڭ ئاتىمىز، ئەجدادىمىز ئىبراھىم، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. - ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار!

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:39
13 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەقەت خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي ئەۋلادلىرىدۇر.


گەرچە ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن.


سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ تەلىمىم سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئورۇن ئالمىدى.


شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


ئەگەر خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ خەتنە قىلىنغانلىقىغا تايانماي، ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئۇنىڭ خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىكى ئېتىقادى بويىچە ياشىسا، ئىبراھىم ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسى بولىدۇ.


- بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار، - ھېچكىمگە ھېچقاچان قۇل بولمىدۇق. سىزنىڭ: «ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟


سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ تەلىمىم قۇلىقىڭلارغا ياقمايۋاتىدۇ!


ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان ھەم كەلگەنلىكىمنى ئالدىنئالا كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite