3 شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ،
ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى.
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى.
ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئالدىغا چاقىرتىپ: - سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى.
ئۇنىڭ ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى.
سېنى خۇددى بۇزۇق ۋە قاتىل ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن.
لېكىن ھەققانىي ئادەملەر بۇ ئاياللارنى زىنا قىلغان ۋە قان تۆككەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا بىلەن جازالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئايال پاھىشىلىك قىلدى ۋە قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى.
ھىرود پادىشاھ پۈتكۈل ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن: - پەيغەمبەرلەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قەيەردە تۇغۇلىدۇ دېگەنىدى؟ - دەپ سورىدى.
خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەر بىلەن بىرگە بولسا، بۇزۇق ئايال، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئايال نىكاھ قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ. ئۇ چاغدا، باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ.