41 بەزىلەر: «بۇ، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ئۇنداق ئەمەستۇ! مەسىھ جەلىلىيىدىن كەلمەيتتىغۇ؟
- ئەجەبا، سەنمۇ جەلىلىيىلىكمۇ نېمە؟ - دېيىشتى ئاقساقاللار، - مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇساڭ، جەلىلىيىدىن پەيغەمبەر چىقمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن!}
بىراق، ناتانيەل: - ناسىرەلىكمۇ؟! ئاشۇ كىچىك بىر شەھەردىن مۇنداق ياخشى ئىش چىقارمۇ؟ - دېدى. - كېلىپ كۆرۈپ باق! - دېدى فىلىپ.
خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ قانداقمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ مۆجىزە يارىتار؟!» دېيىشتى.
ئىشىنىمىز ۋە بىلىمىزكى، سىز خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسىز!
ئۇلار ئايالغا: - بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ بولدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! - دېيىشتى.
- يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادەمنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ شۇمىدۇ؟ - دېدى.
ئايال ھەزرىتى ئەيساغا: - مەسىھنىڭ، يەنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، - دېدى.
ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: - ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! - دەپ ئېتىراپ قىلدى.
ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - بىز «مەسىھ»~نى تاپتۇق! - دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.)
ھالبۇكى، مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمەيدىغۇ. بىراق، بۇ ئادەمنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، - دېيىشتى.