Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 چۈنكى، ئۆزىنى تونۇتماقچى بولغان كىشى يوشۇرۇن ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىڭ! - دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:4
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سۆزلىرىمنى ھەممە ئادەملەرگە ئاشكارا سۆزلىدىم، يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان يەرلىك ئىبادەتخانىلاردا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بەردىم. ھېچقانداق مەخپىي سۆز قىلمىدىم.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.


ئۇلار ھەممە ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئايەت قۇتىسنىڭ چوڭىنى چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ.


- دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.


- روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پەرىشان قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.


- خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلغان. پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ - دېدى.


بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا: _ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.


شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا: - ھېيتتىن بۇرۇن يەھۇدىيىگە بېرىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىڭىزمۇ كارامەتلىرىڭىزنى كۆرسۇن!


(سەۋەبى، ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite