Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى ئۆزى يەتكۈزگەن، شۇنداققۇ؟! لېكىن، ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! ئېيتىڭلارچۇ، نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ - دېدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:19
27 Referans Kwoze  

چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلىشقا باشلىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە كېزىپ يۈردى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇشنى خالىمايتتى.


بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى.


ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق، ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن، خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.


مەن سىلەرگە خۇدانىڭ قانۇنىنى يەتكۈزدۈم، بۇ قانۇن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ مۈلكىدۈر.


يان باسماسلىققا، نامرات ۋە باينىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاش قۇلاق سېلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن: «سىلەر باشقۇرغۇچىلار ھەرقانداق كىشىدىن قورقماڭلار، چۈنكى ھۆكۈم خۇدانىڭدۇر. ئۆزۈڭلار يېشەلمىگەن دەۋالارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، مەن ھەل قىلاي» دېدىم.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.


ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ قۇتۇلدى.


يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى: - ئاقساقاللار ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم بۇ ئەمەسمىدى؟


بىراق، مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتامغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر.


شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، خۇدانىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن، ئۆزىنى خۇداغا تەڭ قىلغانىدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنى دەم ئېلىش كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.


بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.


ئاندىن، ئىبادەتخانىدىكىلەردىن: - قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى.


لېكىن، ئىجارىكەشلەر يەر ئىگىسىنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ.


ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن قورقاتتى، چۈنكى پۈتۈن خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite