Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈردى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، دەل ئەكسىچە، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:12
20 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: - ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: - گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.


پەرىسىيلەر: - سىلەرمۇ ئازدۇرۇلمىغانسىلەر؟


پەرىسىيلەر خەلق ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى.


ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاغرىنماڭلار، تاكاللاشماڭلار.


دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن.


ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل، ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


- ئەجەبا، سەنمۇ جەلىلىيىلىكمۇ نېمە؟ - دېيىشتى ئاقساقاللار، - مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇساڭ، جەلىلىيىدىن پەيغەمبەر چىقمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن!}


خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشىنى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى.


يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاراماتىيا دېگەن شەھەردىن كەلگەن يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ قارارى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمىغانىدى.


ئۇ يەردە بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈزبېشى خۇدادىن قورققان ھالدا: - بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.


- مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق.


قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك: - ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى! - خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.


- جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە.


ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىسىمۇ، خەلقتىن قورقۇشتى، چۈنكى خەلق ئۇنى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، شاگىرت ئۇستازىدەك، قۇل خوجايىنىدەك بولغىنىغا قانائەت قىلسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ بېشى بولغان مېنى «جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتان» دەپ ئاتىغان يەردە، ئۆينىڭ ئەزالىرى بولغان سىلەرنى تېخىمۇ زور ھاقارەت قىلمامدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite