10 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى يېرۇسالېمغا ھېيت ئۈچۈن كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.
- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.
شۇڭا مۇشۇنداق رەزىل زامانلاردا، ئەقىللىق ئادەملەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ.
لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەي، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرايىم شەھىرىگە كېتىپ، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردە تۇردى.
(سەۋەبى، ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.)
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا: - ھېيتتىن بۇرۇن يەھۇدىيىگە بېرىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىڭىزمۇ كارامەتلىرىڭىزنى كۆرسۇن!
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى.
ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»
ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.
ھەزرىتى ئەيسا خەلققە داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بېرىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دەپ ئويلاشقانىدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، جەلىلىيىدە قالدى.