Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:71 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

71 ھەزرىتى ئەيسا سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى دېمەكچى ئىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككى شاگىرتنىڭ بىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلاتتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:71
19 Referans Kwoze  

بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.


ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا: - بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن، ئۇ ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى.


ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.


بۇ ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا،


ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.


شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئالىي روھانىيلارنىڭ يېنىغا باردى.


ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.


لېكىن، ئاراڭلاردا ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ بار، - دېدى. (چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنى ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن بىلەتتى.)


ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم، بىراق ئاراڭلاردا بىرى شەيتاننىڭ ئىلكىدىدۇر! - دېدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، يەنى كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت:


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.


ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite