6 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، قانداق قىلىشنى ئۆزى بىلەتتى.
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ: _ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: _ لەببەي! _ دېدى.
بىراق بابىلنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرگەن ئالامىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچىدى.
ئۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار! چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى سىنىغىنىدۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىدۇر.
چۆللۈكتە ئەجدادلىرىڭلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان ماننانى يېگۈزدى. سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدى.
مۇسا لاۋىي قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ‹تۇممىم› ۋە ‹ئۇرىم›نى بەرگەنسەن ساداقەتمەن لاۋىيلارغا. ئۇلارنى سىنىدىڭ ماسساھتا، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭ مىرىبا سۈيىدە.
سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى،
ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار، سىناپ بېقىڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ سىلەرنىڭ سىناقتىن ئۆتەلمىگىنىڭلار بولمامدۇ؟!
سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.