42 «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ˜ئەرشتىن چۈشتۈم!Œ دېيەلىسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار.
بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.
ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ - دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى.
لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.
دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى.
مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايى - ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، نېمە دەيسىلەر؟!
چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!
فىلىپ ناتانيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى تاپتۇق. ئۇ، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەن! - دېدى.
ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن.
- ماڭا غودۇڭشىماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، -