2 زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرگەنىدى.
بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى
بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى.
بىراق، ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى تونۇۋالغانىدى. خالايىق ئەتراپتىكى پۈتۈن يېزىلاردىن بەس-بەس بىلەن پىيادە يولغا چىقىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشكىنىدە، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.
ھەزرىتى ئەيسا تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشاتتى.
بىراق، ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى. نەتىجىدە، خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئاشكارا بارالماي، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر يەردىن كەلگەن خەلق ئۇنى يەنىلا ئىزدەپ تۇردى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى جەريانىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن كارامەت ۋە مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشتى.
خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشىنى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى.
ئىككىنچى كۈنى، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا قالغان خالايىق تۈنۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە پەقەت بىرلا كېمىنىڭ بارلىقىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ كېمىگە ئولتۇرمىغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ يالغۇز كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن خالىغانچە يەپ تويغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىزدىدىڭلار.
ئۇلار يەنە: - سىز قانداق مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟
شۇڭا، پەرىسىيلەر ۋە ئالىي روھانىيلار يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنى يىغىپ: - قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئادەمنىڭ ياراتقان نۇرغۇن مۆجىزىلىرىگە قاراپ بېقىڭلار.
خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياراتقان بۇ مۆجىزىسىنى ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى.
گەرچە ئۇ خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە مۆجىزە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا، بۇ كىتابتا يېزىلمىغان باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىمۇ كۆرسەتتى.