9 ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ساقايتقان كۈن - دەل دەم ئېلىش كۈنى ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسا: - قايتساڭ بولىدۇ، ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، - دېۋىدى، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم يول بويى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
خۇن شۇئان توختاپ، ئايال ئۆزىنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ئۇ ئادەم شۇئان ماخاۋ كېسىلىدىن ساقىيىپ، پاكپاكىز بولدى.
ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
تەۋرات قانۇنى بۇزۇلمىسۇن دېيىلىپ تۇرۇپ، دەم ئېلىش كۈنى خەتنە قىلىنىدۇيۇ، بۇنداق كۈندە بىر ئادەمنى ساپمۇساق قىلسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟
بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ: - كېسىلىڭدىن ساقايدىڭ. ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! - دېدى.
ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹جېنىڭلارنى ئەزىز كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنى ئاڭلاڭلار! دەم ئېلىش كۈنىدە يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كىرىشنى توختىتىڭلار.