7 بىمار مۇنداق جاۋاب بەردى: - ھەزرەتلىرى، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ.
ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى، باشپاناھسىز ئاجىزلارنى، مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى.
پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە، قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا، پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك.
پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.
بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.
بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. }ئۇلار يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى.
يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»~نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيتەستا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى.
چۈنكى، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى چايقايدىكەن، سۇنىڭ چايقىلىشىدىن كېيىن كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى ھەرقانداق كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن.{
ھەزرىتى ئەيسا بۇ توكۇر ئادەمنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: - ساقىيىپ كېتىشنى خالامسەن؟ - دەپ سورىدى.