Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»~نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيتەستا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5:2
14 Referans Kwoze  

ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ، يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.


باش روھانىي ئەلياشىب ۋە ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلىدى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى.


باشقا زەرگەرلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇ دوقمۇشتىن قوي دەرۋازىسىغىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.


سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بىر كۆل ياسايسىلەر. ئەمما سىلەر ئاشۇ شەھەرنى سالغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر، شۇنداقلا بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلىغانلىقىنى ئويلىمايسىلەر.


قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.


- مەريەم! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: - راببونى! - دېدى. (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە.)


لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، «باش سۆڭەك» (ئارامىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى.


ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش ياتقۇزۇلغان ھويلا» (ئارامىي تىلىدا «غابباتا») دېگەن يەردىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇردى.


سىلەر «داۋۇت پادىشاھ شەھىرى» سېپىلىنىڭ قانچە يەردىن بۇزۇلغانلىقىنى تەكشۈرىسىلەر، پەستىكى كۆلچەككە سۇ تولدۇرۇپ قويىسىلەر،


تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغانلىقى ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا مىخلانغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇغانىدى.


بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. }ئۇلار يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى.


- مەن دەم ئېلىش كۈنىدە بىر مۆجىزە يارىتىپ قويسام، ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا،


ئۇلارنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدى. بۇ پەرىشتىنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون، يەنى ھالاك قىلغۇچى ئىدى.


ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite