16 ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنى دەم ئېلىش كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.
مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.» ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ قۇتۇلدى.
يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى: - ئاقساقاللار ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم بۇ ئەمەسمىدى؟
بىراق، ساقايغان ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.
ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.
بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات، - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قولىغا ئوخشاش ھالەتكە قايتتى.
يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچىسىنىڭ يەھيا پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، روھانىيلار بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلارنى يەھيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى.
شۇڭا، بەزى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ساقايغان ئادەمگە: - بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى تۇرسا، تەۋرات قانۇنىمىزدا دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ! - دېدى.
ھېلىقى ئادەم يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك! - دېدى.
شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، خۇدانىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن، ئۆزىنى خۇداغا تەڭ قىلغانىدى.
- مەن دەم ئېلىش كۈنىدە بىر مۆجىزە يارىتىپ قويسام، ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا،