12 - ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن زادى كىم ئىكەن ئۇ؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار.
ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سوراشتى.
شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلاردا خۇداغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ قىزغىنلىق بار. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقى ھەقىقىي بىلىمگە ئاساسلانمىغان.
ئۇلار ئۆزئارا: _ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ _ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە: _ بۇ ئىشنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون قىلىپتۇ-دە، _ دېيىشتى.
شۇڭا سائۇل: _ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى.
لېكىن، بىمار ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مېنى ساقايتقان كىشى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن تۇرسا!
بىراق، ساقايغان ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.