Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال: - ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:9
12 Referans Kwoze  

ئۇلارغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.


يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن: - ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: - يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار.


بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.


دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر سامارىيىلىك ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، لېكىن، ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسادىن: «سىز ئۇنىڭدىن نېمە سورىماقچىسىز؟» ياكى «سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسىز؟» دەپمۇ سورىمىدى.


لېكىن، يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىدىن كەلگەن بىر كاپىر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ


شۇڭا، جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ تېرە ئەيلىگۈچى شىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite