Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا سامارىيىنىڭ سىھار دېگەن يېزىسىغا كەلدى. سىھار بۇرۇنقى زاماندا ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە مىراس قىلغان يەرگە يېقىن بولۇپ،

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:5
9 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى.


ئۇ بۇ يەرنى ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغانىدى. (شەكەم خامورنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.)


مەن سىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلغاندا، قېرىنداشلىرىڭغا قارىغاندا ساڭا ئارتۇق زېمىن بېرىمەن، يەنى تاغنىڭ باغرىنى قوشۇپ بېرىمەن. ئۇ يەرنى مەن ئامورلارنىڭ قولىدىن قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن تارتىۋالغانىدىم، _ دېدى.


بۇ قۇدۇقنى ئەجدادىمىز ياقۇپ كولىغان. ئۇنىڭدىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن. ئەجەبا، سىز بۇ سۇدىنمۇ ياخشى سۇ بېرىمەن دەپ، ئۆزىڭىزنى ئەجدادىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغ دېمەكچىمۇ؟! - دەپ سورىدى.


ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سامارىيەگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى بۇتخانىلار توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، _ دېدى.


بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئالدىن ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى.


«ياقۇپ قۇدۇقى» دېگەن قۇدۇقمۇ شۇ يەردە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپەردە چارچىغانلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ،


سىھار يېزىسىدىكى نۇرغۇن سامارىيىلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite