49 ئوردا ئەمەلدارى ھەزرىتى ئەيساغا: - ھەزرەتلىرى، بالام ئۆلمەستە بارغايسىز! - دېدى.
بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.
- ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.