34 - مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى، مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.
ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.
مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە ئايان قىلدىم.
ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن: - تامام بولدى! - دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى.
ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.
لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، - دېدى.
ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر!
بۇ نان ئەرشتىن چۈشكەندۇر ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى.
- ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟ - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.
مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ھەرگىز يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئاندىن: - ئۇسسىدىم! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى.